Trace Id is missing
ئاساسىي مەزمۇنغا ئۆتۈش
‏‏تىزىملاپ كىرىش

Microsoft® Office Language Accessory Pack – ئۇيغۇرچە

Microsoft Office Language Accessory Pack - ئۇيغۇرچە سىز قاچىلىغان تىلغا قاراپ قوشۇمچە كۆرسىتىش، ياردەم ياكى ئىملا قوراللىرىنى قوشىدۇ.

ئەسكەرتىش! تۆۋەندىن تىل تاللىسىڭىز، پۈتۈن بەت مەزمۇنى شۇ تىلغا ئۆزگىرىدۇ.

چۈشۈرۈش
  • نەشرى:

    2016/2019

    ئېلان قىلىنغان:

    2016-16-3

    ھۆججەت نامى:

    Office2016_LAP_Readme_ug-cn.docx

    ھۆججەت سىغىمى:

    22.3 KB

    Microsoft Office Language Accessory Pack - ئۇيغۇرچە سىز قاچىلىغان تىلغا قاراپ قوشۇمچە كۆرسىتىش، ياردەم ياكى ئىملا قوراللىرىنى قوشىدۇ.
    Microsoft Office Language Accessory Pack - ئۇيغۇرچە نى قاچىلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىقتىدارى ۋە ماس تاللانمىلىرىنى Office ئەپلىرى ۋە Microsoft Office تىل مايىللىقى ئەپىدىن تاللىيالايسىز.
  • قوللايدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى

    Windows 10, Windows 7, Windows 8

      سىستېما تەلەپلىرى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارOffice نىڭ سىستېما تەلەپلىرى
      32 ياكى 64 بىتلىق Microsoft Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى
      32 ياكى 64 بىتلىق Microsoft Windows 10 مەشغۇلات سىستېمىسى. (بىر قېتىملىق Office 2019 نى سېتىۋالغانلار ئۈچۈن پەقەت Windows 10 مەشغۇلات سىستېمىسىنىلا قوللايدۇ)
      ئەسكەرتىش:سىز ئىشلىتىدىغان تىلدا ئەڭ ياخشى ياردەم ئېلىش ئۈچۈن مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى مۇلازىمەت بوغچىسىنى قاچىلاشنى ئۇنۇتماڭ.

    يۇمشاق دېتالOffice 2016 نىڭ خالىغان نەشرى (ياكى ئۇنىڭدىن يېڭىسى) ياكى Microsoft Excel, Microsoft Lync, Microsoft OneNote, Microsoft Outlook, Microsoft PowerPoint ياكى Microsoft Word بار مۇقىم نەشرى Microsoft Office Language Accessory Pack 2016 (ياكى يېڭىراق نەشرى) - ئۇيغۇرچە نى قوللايدۇ.
    كومپيۇتېر ۋە بىر تەرەپ قىلغۇچSSE2 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرىنى قوللايدىغان 1.6GHz بىر تەرەپ قىلغۇچ؛ 4GB لىق RAM؛ 2GB لىق RAM (نىڭ 32 بىتلىقى) ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى

    دىسكا بوشلۇقىOffice ئەپلىرىنى قاچىلايدىغان قاتتىق دىسكا بوشلۇقىدىن باشقا،
  • 4GB قاتتىق دىسكا بوشلۇقى.

  • باشقا بارلىق سىستېما تەلەپلىرى Microsoft Office Language Accessory Pack - ئۇيغۇرچە ئارقىلىق ئىشلەتكەن Office ئەپلىرى بىلەن ئوخشاش.


  • Windows تىل ئارايۈز بوغچىسىمەشغۇلات سىستېمىسى ۋە يۇمشاق دېتاللاردا ئەڭ ياخشى ياردەم ئېلىش ئۈچۈن Windows تىل ئارايۈز بوغچىسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرىنى قاچىلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

    كۆرسەتكۈچ ئېنىقلىقى ۋە DPI تەڭشەكلىرى1366x768 لىك ئېنىقلىقتا ئەڭ ياخشى ئوقۇش ئۈچۈن نۇرغۇن خەت نۇسخىسى ياسالدى. ئەگەر سىز ئىشلىتىدىغان تىلدا خەت ئوقۇش قىيىن بولسا، كۆرسەتكۈچنى مۇشۇ ئېنىقلىق ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى قىلىپ تەڭشەڭ. ئەسكەرتىش: Office ئەپلىرىنى Windows سۈكۈتتىكى DPI تەڭشىكى - 96DPI ھالىتىدە ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. 120DPI تەڭشىكى Office نىڭ بەزى ئەپلىرىدە Office رامكىلىرىنى چوڭايتىپ، Office مەشغۇلاتىنى ناچارلاشتۇرۇشى مۇمكىن.

    رايون ۋە تىل تاللانمىلىرى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تىزگىن تاختىدىكى رايون ۋە تىل تاللانمىلىرىنى Microsoft Office Language Accessory Pack - ئۇيغۇرچە بىلەن ئوخشاش تىلغا تەڭشەشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  • بۇ قوشۇمچە تىل بوغچىسىنى قاچىلاش ئۈچۈن:
    1. بۇ ئۇلانمىنى چېكىپ قوشۇمچە تىل بوغچىسى قاچىلاش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈڭ
    2. چۈشۈپ بولغاندا يۈرگۈزۈشنى تاللاڭ.
    3. ئېكراندىكى كۆرسەتمىلەر بويىچە قاچىلاشنى تاماملاڭ.

    ئارايۈز تىلىنى قوشۇمچە تىل بوغچىسىنىڭ تىلىغا ئالماشتۇرۇڭ.
    قوشۇمچە تىل بوغچىسى قاچىلانغاندىن كېيىن Office ئەپلىرى ياكى Microsoft Office تىل مايىللىقى ئەپى ئارقىلىق ئارايۈز تىلىنى ئۇيغۇرچىگە ئۆزگەرتەلەيسىز.

    تىل مايىللىقىدىن ئارايۈز تىلىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن:

    1. ئاۋۋال Office تىل مايىللىقىنى قوزغىتىڭ.
    2. ئاندىن تەھرىرلەش تىلى تاللاشتىزىملىكىدىن تەھرىرلەش تىلى تاللاپ، ئاندىن سۈكۈتتىكى قىلىش دېگەننى چېكىڭ.
    3. ئاندىن كۆرسىتىش ۋە ياردەم تىلى تىزىملىكىدىنكۆرسىتىش تىلى تاللاپ سۈكۈتتىكى قىلىش دېگەننى چېكىڭ.
    4. ئاندىنماقۇلدېگەننى چېكىڭ.

    Office ئەپلىرىدىن ئارايۈز تىلىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن:

    1. ئاۋۋالھۆججەت، تاللانمىلار دېگەن ئورۇندىن تىلنى تاللاڭ.
    2. ئاندىن تەھرىرلەش تىلى تاللاشتىزىملىكىدىن تەھرىرلەش تىلى تاللاپ، ئاندىن سۈكۈتتىكى قىلىش دېگەننى چېكىڭ.
    3. ئاندىن كۆرسىتىش ۋە ياردەم تىلى تىزىملىكىدىنكۆرسىتىش تىلى تاللاپ سۈكۈتتىكى قىلىش دېگەننى چېكىڭ.
    4. ئاندىنماقۇلدېگەننى چېكىڭ.

    سىز تاللىغان تىل تەڭشەكلىرى Office ئەپلىرىنى كېيىنكى قېتىم قايتا قوزغاتقاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

    ئىملا تىلىنى ئۆزگەرتىش
    Microsoft Office Language Accessory Pack - (ئۇيغۇرچە) دە تىلىڭىزنىڭ ئىملا قوراللىرى بولۇشى مۇمكىن. تاللىغان تېكىستنىڭ ئىملا تىلىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى مۇنداق:

    Excel: Excel سۈكۈتتىكى ئىملا تىلىنى Microsoft Office نىڭ باش تەھرىرلەش تىلى ئارقىلىق بېكىتىدۇ. بۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھۆججەتنى چېكىپ ئاندىن تاللانمىلارنى چېكىڭ. ئاندىن ئىملا تاللانمىلىرىنى چېكىپ، لۇغەت تىلىتىزىملىكىدە بار تىلدىن تاللاڭ.

    Outlook, PowerPoint, Word ۋە OneNote: ئىملاسىنى تەكشۈرىدىغان تېكىستنى تاللاپ تەكشۈرۈش دېگەننى چېكىپ، ئاندىن تىل كۇنۇپكىسىنى چېكىپئاندىن ئىملا تىلى بېكىتىش تاللانمىسىنى چېكىڭ. تىزىملىك رامكىسىدىن مايىل تىلنى تاللاپ ماقۇل دېگەننى چېكىڭ.