نەشىر قىلىنغان: 2023-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى
كۈچكە ئىگە: 2023-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى
بۇ شەرتلەر (شەرتلەر) سىز جۇڭگودا ئىشلەتكەن بۇ يەر (https://www.microsoft.com/servicesagreement#serviceslist) دىكى مەھسۇلات، توربېكەت ۋە مۇلازىمەتلەر (قىسقارتىپ «مۇلازىمەت» دەيمىز) نىڭ ھەممىسىگە قوللىنىلىدۇ (شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە تەيۋەندە ئىشلەتكەنلىرىڭىز بۇنىڭ سىرتىدا). بۇ شەرتلەر يەنە سىز ۋە تۆۋەندىكى 10.c دېگەن بۆلەك (جۇڭگودىكى تەمىنلىگۈچىلەر) تە دېيىلگەن يەرلىك تارقاتقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى Microsoft Store نىڭ Xbox نەشرى ھەمدە Microsoft Store نىڭ Windows نەشرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەرگە قوللىنىلىدۇ، تەپسىلاتى 10.c دېگەن بۆلەكتە چۈشەندۈرۈلدى.بۇ شەرتلەر ئاستىدا «بىز» دېگىنىمىز Microsoft ۋە ياكى (ئۇيغۇن كەلسە)، جۇڭگو ئامانەت تەمىنلەش سودىگەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
1. مەخپىيەتلىكىڭىز. مەخپىيەتلىكىڭىزنى مۇھىم بىلىمىز. Microsoft مەخپىيەتلىك تۈزۈمى (https://go.microsoft.com/fwlink/?LinkId=521839) (Microsoft مەخپىيەتلىك تۈزۈمى) نى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىڭ، ئۇ سىز ۋە ئۈسكۈنىڭىزدىن توپلايدىغان مەلۇمات تۈرلىرى («مەلۇمات»)، ئۇلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىمىز ھەمدە مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاساسلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ. «Microsoft مەخپىيەتلىك باياناتى» مۇ Microsoft نىڭ مەزمۇنلىرىڭىزنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ئۇ مەزمۇنلارنىڭ ئىچىدە سىز باشقىلار بىلەن قىلغان ئالاقە، سىز «مۇلازىمەت» ئارقىلىق Microsoft قا يوللىغان يازما، سىز «مۇلازىمەت» ئارقىلىق يۈكلىگەن، ساقلىغان، تارقاتقان، قۇرغان ياكى ئورتاقلاشقان ھۆججەت، رەسىم، پۈتۈك، ئاۋاز، رەقەملىك ئەسەر، بىۋاسىتە تارقىتىش ۋە سىن قاتارلىقلار ياكى سىز مەزمۇن قۇرۇش ئۈچۈن كىرگۈزگەن ئۇچۇرلار بار (بۇلار «مەزمۇنلىرىڭىز» دېيىلىدۇ). مەخپىيەتلىك باياناتىدا جۇڭگودىكى Store تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ سىزدىن ئۇچۇر توپلاش، ئىشلىتىش ۋە ئۇلارنى قوغداش ئۇسۇلى تەپسىلىي ۋە ئايرىم چۈشەندۈرۈلىدۇ. جۇڭگودىكى Store تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتى ۋە Microsoft مەخپىيەتلىك باياناتىدا دېيىلگەن بويىچە سىز مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەن ياكى بۇ كېلىشىم ۋە شەرتلەرگە قوشۇلغاندا، سىزدىن مەزمۇن ۋە مەلۇمات توپلاش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە قانۇن بويىچە ئىشلىتىشكە قوشۇلىسىز. مەخپىيەتلىك باياناتىدا چۈشەندۈرۈلگەن بويىچە، بەزى ئەھۋاللاردا بىز سىزدىن ئايرىم ئىجازەت سورايمىز ياكى سىزگە ئايرىم ئۇقتۇرىمىز.
2. مەزمۇنلىرىڭىز. كۆپلىگەن مۇلازىمەتلىرىمىز مەزمۇن قۇرۇش، ساقلاش ياكى ئورتاقلىشىش ياكى باشقىلاردىن ماتېرىيال قوبۇللاشقا رۇخسەت قىلىدۇ. مەزمۇنلىرىڭىزغا قارىتا بىز ئىگىدارلىق ھوقۇقى تەلەپ قىلمايمىز. مەزمۇنلىرىڭىز سىزگە تەۋە ھەمدە ئۇلارغا سىز مەسئۇل.
3. ھەرىكەت ئۆلچىمى. «مۇلازىمەت» نى ئىشلەتكەندىكى ھەرىكەت ۋە مەزمۇنلارغا سىز مەسئۇل.
4. مۇلازىمەت ۋە ياردەم مەركىزىنى ئىشلىتىش.
5. ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىش. مۇلازىمەت ئارقىلىق (Microsoft قا تەۋە بولمىغان) مۇستەقىل ئۈچىنچى تەرەپلەرنىڭ مەھسۇلات، مۇلازىمەت، توربېكەت، ئۇلانما، مەزمۇن، ماتېرىيال، ئويۇن، ھۈنەر، بىرىكمە ئىقتىدار، روبوت ياكى ئەپلىرىنى ئىشلىتەلىشىڭىز مۇمكىن (بۇلار «ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرى» دېيىلىدۇ). كۆپلىگەن مۇلازىمەتلىرىمىزدە ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەپلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنى تاپالايسىز، تەلەپ قىلالايسىز ياكى ئۇلاردا مەشغۇلات قىلالايسىز، ھەمدە مەزمۇن ياكى مەلۇماتلىرىڭىزنى ئورتاقلىشالايسىز، مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلەتكەندە ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمەت ۋە ئەپلىرىنىڭ سىزگە تەمىنلىنىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك. ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرى مەزمۇن ياكى مەلۇماتلىرىڭىزنى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرىنىڭ تارقاتقۇچىسى، تەمىنلىگۈچىسى ياكى يۈرۈتكۈچىسى ئارقىلىق ساقلاشقا رۇخسەت قىلىشى مۇمكىن. ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ ياكى مۇلازىمەتلىرىنى قاچىلاش ياكى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئۇلار سىزگە ئۆزلىرىنىڭ مەخپىيەتلىك تۈزۈمىنى كۆرسىتىشى ۋە شەرتلىرىگە قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. Microsoft ياكى ئۇنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى (Office Store ۋە Xbox دىكى Microsoft Store ھەمدە Windows دىكى Microsoft Store لار شۇنىڭ ئىچىدە، ئەمما ئۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ) يۈرگۈزىدىغان Store ئارقىلىق ئالغان ئەپلەرنىڭ قوشۇمچە شەرتلىرىنى 13(b) دېگەن بۆلەكتىن كۆرۈڭ. ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرىنى ئېلىش، ئىشلىتىش، تەلەپ قىلىش ياكى Microsoft ھېساباتىڭىزنى ئۇلارغا ئۇلاشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ مەخپىيەتلىك تۈزۈملىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈڭ. ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ھېچقانداق شەرتلىرى بۇ شەرتلەرنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن قىلغان مۇئامىلىگە ئۆزىڭىز مەسئۇل، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇر ياكى مۇلازىمەتكە Microsoft ۋە بىزنىڭ جۇڭگودىكى دۇكانلار مەسئۇل ئەمەس. Microsoft ياكى بىزنىڭ جۇڭگودىكى دۇكانلار ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرى ئۈچۈن سىزگە بىلىم-مۈلۈك ئىجازىتى بەرمەيدۇ (جۇڭگودىكى دۇكان يۈرۈتكۈچىلەر ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرىنى تارقاتقۇچى، تەمىنلىگۈچى ياكى يۈرۈتكۈچى بولغان ئەھۋال بۇنىڭ سىرتىدا).
6. مۇلازىمەتنىڭ قوللىنىلىشى
7. مۇلازىمەت ياكى يۇمشاق دېتالنى يېڭىلاش ھەمدە ماددىلارنى ئۆزگەرتىش
8. يۇمشاق دېتال ئىجازەتنامىسى. بىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق يۇمشاق دېتال مەزكۇر شەرتلەر ئارقىلىق باشقۇرۇلىدۇ، Microsoft ئايرىم ئىجازەت كېلىشىمى تەمىنلىگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا (مەسىلەن، Windows نىڭ بىر بۆلىكى بولغان Microsoft ئەپلىرىنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز، ئۇ خىل ئەپلەرنى Windows مەشغۇلات سىستېمىسى ئۈچۈن چىقىرىلغان Microsoft يۇمشاق دېتال ئىجازەت كېلىشىمى باشقۇرىدۇ). Microsoft ياكى ئۇنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى (Office Store ۋە Windows دىكى Microsoft Store ھەمدە Xbox دىكى Microsoft Store لار شۇنىڭ ئىچىدە، ئەمما ئۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ) يۈرگۈزىدىغان بەزى Store ئارقىلىق ئالغان ئەپلەرگە تۆۋەندىكى 13(b)(i) دېگەن بۆلەك قوللىنىلىدۇ.
9. ھەق تۆلەش بەلگىلىمىسى ئەگەر مۇلازىمەتنى سېتىۋالغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ھەق تۆلەش شەرتلىرى سىزگە ماس كېلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا قوشۇلىسىز
10. كېلىشىم تۈزگۈچى گەۋدىلەر، قانۇنىي تاللاش ۋە مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلىرى.
11. كاپالەت
12. مەجبۇرىيەتنىڭ چېكى
13. مۇلازىمەتكە خاس شەرتلەر. 13-بۆلەكنىڭ ئالدىدىكى ۋە كەينىدىكى شەرتلەر ئومۇمىي ھالدا ھەممە «مۇلازىمەتلەر» گە قوللىنىلىدۇ. بۇ بۆلەك، ئومۇمىي شەرتلەرگە قوشۇمچە ھالدا مۇلازىمەتكە خاس شەرتلەرنى ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇمىي شەرتلەر بىلەن بىرەر توقۇنۇش بولمىسىلا بۇ مۇلازىمەتكە خاس شەرتلەر ئىدارە قىلىدۇ.
14. ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار. بۇ ماددا ۋە 1، 9-ماددىلار (بۇ شەرتلەر ئاياغلىشىشتىن بۇرۇنقى سومما ئۈچۈن)، 10، 11، 12، 15، 17-ماددىلار مەزكۇر شەرتلەرنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىنمۇ كۈچكە ئىگە ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. بىز بەلكىم بۇ كېلىشىملەرنى تەقسىملەپ، بۇ كېلىشىملەردىكى مەجبۇرىيەتلەرگە ئاساسەن باشقا ساھەدىكىلەر يەنە ئىجازەت بېرىش ئۇقتۇرۇشى قىلغاندا بىز كېلىشى بويىچە پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ھالەتتە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۇقتۇرۇش قىلىمىز بۇ كېلىشىم ياكى مەزكۇر مۇلازىمەت ھەققىدىكى ھەرقانداق ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولمايدۇ بۇ Microsoft ياكى جۇڭگولۇق تەمىنلىگۈچى سودىگەرلىرىنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىغان مۇلازىمەت كېلىشىمى ئۇ سىز ۋە Microsoft ياكى جۇڭگولۇق تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر ئارىسىدىكى ئىلگىرىكى ھەرقانداق كېلىشىمنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ بۇ كېلىشىمگە قوشۇلۇشتىن ئىگىرى ئىلگىرىكى ھەرقانداق بايانات، ئىلتىماس، كاپالەت، چۈشەنچە، ۋەدىنامە قاتارلىقلار بارمۇ يوق، ۋەدە ياكى كاپالەتتىن باشقا ئېنىق كېلىشىم بارمۇ يوق ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك بۇ ماددىلارنىڭ ھەممىسى ئالاقىدار قانۇنلار يول قويغان ئەڭ چوڭ دائىرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ ئەگەر سوت مەھكىمىسى ياكى ھەكەملەر سوتى بىزنى بۇ كېلىشىمدە يېزىلغانلارنىڭ بىر قىسمىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشقا ئامالسىز دەپ قارىسا، ئۇنداقتا كېلىشىمنىڭ ماددىلىرىنى ئالاقىدار قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرغىلى بلىدىغان ماددىلارغا ئۆزگەرتىمىز، لېكىن كېلىشىمنىڭ قالغان قىسىملىرى ئۆزگەرمەيدۇ بۇ ماددىلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي سىز ۋە بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن بۇ ماددىلار Microsoft نىڭ ئىز باسارلىرى ۋە جۇڭگو بازارلىرىدىكى تەمىنلىگۈچىلەردىن باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ. بەزى تېمىلاردىن پەقەت پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ، ھېچقانداق قانۇنى ئۈنۈمگە ئىگە ئەمەس.
15. تۆلەمنى چوقۇم بىر يىل ئىچىدە تۆلەپ بولۇش كېرەك. بۇ كېلىشىمگە ئالاقىدار ھەرقانداق تۆلەم بولسا چوقۇم سوتتا (ياكى 10(b) دېيىلگەندەك ھەكەملەر سوتىدا) ــ ــ يىلى دېگەندەك تۆلەم تۆلەيدىغان ئېنىق ۋاقىتنى بېكىتىش، يەرلىكتىكى قانۇندا قەرز تۆلەش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا بولىدىغان بولسا بولىدۇ. بۇ مەزگىل ئىچىدە تىلغا ئېلىنمىسا، ئۇنداقتا ئۇ مەڭگۈلۈك توختىتىۋېتىلگەن بولىدۇ.
16. ئېكىسپورت قانۇنى. مەزكۇر يۇمشاق دېتال ياكى / مۇلازىمەت كە بويسۇنۇشىڭىز كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدە نىشان ئورۇندىكى چەكلىمىلەر، ئەڭ ئاخىرىقى ئىشلەتكۈچى ۋە ئەڭ ئاخىرىقى ئىشلىتىدىغان ئورۇن تەۋە بولغان دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق ئېكىسپورت قانۇن، قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك مۇناسىۋەتلىك جۇغراپىيىلىك رايون ۋە ئېكىسپورت چەكلىمىسى توغرىسىدا يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، https://go.microsoft.com/fwlink/?linkid=868968 بىلەن https://www.microsoft.com/exporting نى زىيارەت قىلىڭ.
17. ھوقۇقنى ساقلاپ قېلىش ۋە تەكلىپ. مەزكۇر شەرتلەردە ئېنىق ئېيتىلمىغانلا بولسا، Microsoft سىزگە Microsoft ياكى ھەرقانداق مۇناسىۋەتلىك گەۋدىگە تەۋە بولغان ھېچقانداق پاتېنت، بىلىم، نەشر ھوقۇقى، سودا مەخپىيەتلىكى، سودا ماركىسى ياكى باشقا بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئىجازىتىنى بەرمەيدۇ، بۇ بىلىم-مۈلۈك ھەرقانداق نام، سودا كىيىمى، تۇغ ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما ئۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئەگەر Microsoft قا يېڭى مەھسۇلات، تېخنىكا، ئېتىبارلىق پائالىيەت، مەھسۇلات نامى، مەھسۇلات ھەققىدە تەكلىپ ۋە مەھسۇلاتنى ياخشىلاش ھەققىدە تەۋسىيە دېگەندەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق پىكىر، تەۋسىيە، كۆزقاراش ياكى تەكلىپ (بۇلارنى «تەكلىپ-پىكىر» دەيمىز) بەرسىڭىز، Microsoft قا ھېچقانداق ھەق ياكى ھوقۇق تەلەپ قىلماي تەكلىپىڭىزنى ياساش، قۇرۇش، قايتا ئىشلەش، ئىشلىتىش، ئورتاقلىشىش ۋە تاۋارلاشتۇرۇش ھوقۇقى بەرگەن بولىسىز. Microsoft نىڭ يۇمشاق دېتال، تېخنىكا ياكى ئارخىپلىرىنى ھەرقانداق ئۈچىنچى تەرەپكە ئىجازەتلەش ھەققىدە تەكلىپ-پىكىر بەرسىڭىز بولمايدۇ، چۈنكى Microsoft تەكلىپىڭىزنى شۇلارغا قوشىدۇ.
بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى قىلىشنى ئۇقتۇرۇش ياكى ئەرز قىلىش ئۇسۇللىرى. Microsoft ئۈچىنچى تەرەپلەرنىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. بىزگە بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى قىلغان ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتمەكچى بولسىڭىز دەخلى ئۇقتۇرۇشى (https://www.microsoft.com/legal/intellectualproperty/infringement) بېتى ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىڭ، ئۇمۇ بۇ شەرتلەرنىڭ بىر بۆلىكى. بۇ بەتتە پەقەت ئالاقىدار ئۇچۇرلارلا قوبۇللىنىدۇ، مۇناسىۋەتسىز ئۇچۇرلار قوبۇللانمايدۇ.
نەشر ھوقۇقىغا دەخلى قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشىغا ئىنكاس قايتۇرغاندا Microsoft ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئالاقىدار 17-قانۇنىدىكى 512-ماددا ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى 2022/2065 نومۇرلۇق قانۇنىنىڭ III بابىغا تايىنىدۇ. زۆرۈر تېپىلسا، Microsoft شىركىتى تەكرار دەخلى قىلغۇچىلارنىڭ ھېساباتى ۋە Microsoft مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىشى مۇمكىن. يەنە شەخس ياكى ئورۇنلار پاكىتسىز ھالدا باشقىلارنىڭ دەخلى قىلغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش يوللاۋەرسە، Microsoft ئۇلارنىڭ ئۇقتۇرۇشىنىمۇ توڭلىتىپ قويۇشى مۇمكىن. ھوقۇق دەخلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانى ھەمدە بۇ جەرياننىڭ بىر بۆلىكى سۈپىتىدە Microsoft نىڭ چىقىرىدىغان قارارى ھەققىدىكى باشقا تەپسىلاتلارنى دەخلى ئۇقتۇرۇشى (https://www.microsoft.com/legal/intellectualproperty/infringement) بېتىدىن كۆرۈڭ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋە ئېلان بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر سوئاللار بىزنىڭ ئېلاننىڭ توردىكى بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر مەزمۇنلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى قوللانمىسى (https://go.microsoft.com/fwlink/?LinkId=243207) نى ئوقۇڭ.
نەشىر ھوقۇقى ۋە ماركا باياناتى مەزكۇر مۇلازىمەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى ©2018 Microsoft شىركىتى ۋە / ياكى ئۇنى تەمىنلىگۈچى سودىگەرلىرى One Microsoft Way, Redmond, WA 98052, U.S.A ئىگىلىك ھوقۇقلۇق. شەرتلەرگە Microsoftسودا ماركىسى كۆرسەتمىسى (https://www.microsoft.com/en-us/legal/intellectualproperty/trademarks/usage/general.aspx) (داۋاملىق قوشۇلىدۇ) بىرىكتۈرۈلدى. Microsoft ۋە بارلىق Microsoft مەھسۇلاتى، يۇمشاق دېتاللىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنىڭ نامى، تۇغى ۋە بەلگىلىرى Microsoft ياكى ئۇنىڭ تارماق شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە/ياكى باشقا دۆلەتتە تىزىملاتمىغان ياكى تىزىملاتقان سودا ماركىسى بولۇشى مۇمكىن. تولۇق بولمىغان Microsoft سودا ماركىلىرىنىڭ تىزىملىكى https://www.microsoft.com/en-us/legal/intellectualproperty/trademarks/EN-US.aspx دە بېرىلدى. ئەمەلىي شىركەت ۋە مەھسۇلات نامىنىڭ بەلكىم ئۆز ئالدىغا ماركا ئىگىسى بولۇشى مۇمكىن بۇ ماددىلاردىن ئېنىق ھوقۇق بېرىلمىگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ساقلاپ قېلىنىدۇ بەزى Microsoft تور بېكەتلىرىنىڭ مۇلازىمېتىرىدا ئىشلىتىلگەن يۇمشاق دېتالنىڭ زاپچاسلىرى مۇستەقىل ھالدىكى JPEG گۇرۇپپىسىنىڭ بىر قىسمى نەشىر ھوقۇقى © 1991-1996 Thomas G. Lane. نەشىر ھوقۇقى بەزى Microsoftتور مۇلازىمىتىرىدە قوللىنىلغان « gnuplot » دەيدىغان يۇمشاق دېتالنىڭ نەشىر ھوقۇقى 1986-1993 توماس ۋىليامسون، كوللىن كېللىيغا تەۋە نەشىر ھوقۇقى
تېببىي ئەسكەرتىش Microsoft ھەرقانداق تېببىي مۇلازىمەت ياكى ساغلاملىق مۇلازىمىتى، دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەيدۇ دائىم دوختۇرىڭىز ياكى باشقا لاياقەتلىك سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش ئورۇنلىرىدىكى تەمىنلىگۈچى بىلەن بەزى داۋالاش شارائىتلىرى، يىمەك-ئىچمەك، بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش ۋە ساغلاملىق ھەققىدىكى تەۋسىيەلەرنى ئىزدەيسىز كەسپىي داۋالاش ئاپاراتلىرىدىن مەسلىھەت سوراشقا سەل قارىماڭ ياكى ئۇچۇرنى سۈرۈشتۈرۈش ۋاقتىنى كەينىگە سۆرىمەڭ، چۈنكى سىز مۇلازىمەت ئارقىلىق ئۇنى زىيارەت قىلالايسىز
پاي چېكى باھاسى ۋە ئىندىكىسلىق سانلىق مەلۇمات (ئىندىكىسلىق قىممەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)«مۇلازىمەتلەر» ئارقىلىق تەمىنلەنگەن مالىيەۋى مەلۇماتلار پەقەت شەخسىي، غەيرى-تىجارىي شەكىلدە ئىشلىتىشىڭىز ئۈچۈندۇر. ھەرقانداق بىر مالىيەۋى ۋاسىتە ياكى مەبلەغلەش مەھسۇلاتىنىڭ چىقىرىلىشى، يارىتىلىشى، سپونسورلۇقى، ئېلىم-سېتىمى، بازارلىنىشى ياكى تەشۋىقلاشقا ئالاقىدار ھەر قانداق بىر ئۈچىنچى تەرەپ ئىجازەتنامىلىگۈچىنىڭ بىرەر مالىيە بەرمىلىرىنى ياكى بەلگىلىرىنى (مەسىلەن، ئىندېكسلار، تۆرەتمىلەر، قۇرۇلمىلانغان مەھسۇلاتلار، مەبلەغلەش فۇندلىرى، بىرژىدا ئېلىم-سېتىم قىلىنغان فۇندلار، مەبلەغلەش پورتفېللىرى قاتارلىق ۋاسىتە ياكى مەبلەغلەش مەھسۇلاتىنىڭ باھاسى، قايتۇرمىسى ۋە/ياكى ئىجرائاتى ئاساسلىنىدىغان، مۇناسىۋەتلىك بولىدىغان، ياكى ھەرقانداق بىر مالىيە بەرمىلىرىنى ئىزلاشنى مەقسەت قىلىدىغان يەرلەردە) ئۈچىنچى تەرەپ ئىجازەتنامىلىگۈچى بىلەن ئايرىم يازما كېلىشىم بولماستىن ئىشلەتسىڭىز بولمايدۇ.
پۇل-مۇئامىلە ساھەسى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش Microsoft مەبلەغ ئارىچىسى/ۋاسىتىچىسى ئەمەس ياكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى فېدېراتسىيە پۇل-فوند قانۇنى ياكى پايچەك قانۇنى بويىچە ھەرقانداق تەۋەلىكتە مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىلىك كەسپى تىزىملاتمىغان، ئۇ ھېچقانداق پايچەك، فوند ياكى باشقا مەبلەغ مەھسۇلاتلىرىغا مەبلەغ سېلىش، ئۇلارنى سېتىۋېلىش ياكى سېتىش ھەققىدە مەسلىھەت بەرمەيدۇ. بۇ مۇلازىمەتتە ھېچقانداق مەزمۇن بولمىسا سىزنى قىزىقتۇرىدىغان ھېچقانداق پاي چېكى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش مەشغۇلاتى بولمايدۇ مەيلى Microsoft ياكى پاي چېكى مەلۇماتى ياكى ئىندىكىسلىق سانلىق مەلۇماتىدىكى ھوقۇق ئىجازىتى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن پۇل-مۇئامىلە مەھسۇلاتى ياكى مۇلازىمىتىنى تەۋسىيە قىلىدۇ مۇلازىمەتتىكى مەبلەغ ياكى باجغا ئائىت ھەرقانداق ئۇچۇر كەسپىي مەسلىھەت ئەمەس.
H.264/AVC ۋە VC-1 سىن ئۆلچەملىرى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش. يۇمشاق دېتالدا MPEG LA, L.L.C. ئىجازەتلىگەن H.264/AVC ۋە/ياكى VC-1 كودلاش تېخنىكىسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ سىنلىق مەلۇماتنى قىسىدىغان فورمات تېخنىكىسىدۇر. MPEG LA, L.L.C. بۇ ئۇقتۇرۇشنى چىقارغان:
بۇ مەھسۇلات H.264/AVC ۋە VC-1 پاتېنتى ئاساسىدا ئىستېمالچىلارنىڭ سودا خاراكتېرىنى ئالمىغان شەكىلدە (A) ئۆلچەم (سىن ئۆلچەملىرى) بويىچە سىن كودلاش ۋە/ياكى (B) ئىستېمالچىلار سودا خاراكتېرىنى ئالمىغان شەخسىي شەكىلدە بىر تەرەپ قىلغان ۋە/ياكى ئىجازەتلىك سىن تەمىنلىگۈچى ئارقىلىق ئېرىشكەن H.264/AVC ۋە VC-1 فورماتلىق سىنلارنى يېشىش ئۈچۈن ئىشلىتىشىگە ئىجازەتلەنگەن. باشقا شەكىلدە ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىلمىگەن ۋە بېرىلمەيدۇ. باشقا تەپسىلاتلارنى MPEG LA, L.L.C. دىن سۈرۈشتۈرۈڭ. باشقا ئۇچۇرلارنى MPEG LA تور بېكىتى (https://www.mpegla.com) ئارقىلىق كۆرەلەيسىز.
بۇ ئۇقتۇرۇش مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى مەزكۇر كېلىشىم بويىچە سودا ئورۇنلىرىدا شەخسىي ئىشلىتىشنى چەكلىمەيدۇ، ئەمما سودا ئورۇنلىرىدا (i) ئۈچىنچى تەرەپكە تارقىتىش ياكى (ii) «سىن ئۆلچەملىرى» تېخنىكىلىرى ئارقىلىق ماتېرىيال ئىشلەش ۋە تارقىتىشقا بولمايدۇ.
H.265/HEVC سىن ئۆلچەملىرى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش. بۇ يۇمشاق دېتالدا H.265/HEVC كودلاش تېخنىكىسى بولۇشى مۇمكىن. Access Advance LLC بۇ ئۇقتۇرۇشنى چىقارغان:
بۇ يۇمشاق دېتالدا H.265/HEVC تېخنىكىسى بار بولسا، ئۇ تۆۋەندە دېيىلگەن HEVC پاتېنتىغا تەۋە: PATENTLIST.ACCESSADVANCE.COM. بۇ يۇمشاق دېتالغا ئېرىشىش ئۇسۇلىڭىزغا قاراپ، بۇ مەھسۇلات HEVC ئالىي پاتېنتىغا تەۋە بولۇشى مۇمكىن.
بۇ يۇمشاق دېتال Microsoft ئۈسكۈنىسىگە قاچىلانسا، قوشۇمچە ئىجازەت ئۇچۇرلىرىنى بۇ يەردىن تاپالايسىز: .aka.ms/HEVCVirtualPatentMarking.
جۇڭگودا تەمىنلەنگەن ئەپلەرنىڭئۆلچەملىك ئەپ ئىجازەت شەرتلىرى
MICROSOFT STORE، MICROSOFT STORE نىڭ WINDOWS نەشرى ۋە MICROSOFT STORE نىڭ XBOX نەشرى
بۇ ئىجازەت ماددىلىرى بولسا سىز بىلەن قوللىنىشچان پروگرامما ئېلان قىلغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم تۆۋەندىكىلەرنى ئوقۇڭ ئۇلار سىز Windows ياكى Xbox تىكى Microsoft Store دىن چۈشۈرگەن ئەپلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھەرقانداق قوشۇمچە ياكى يېڭىلانمىلىرىغا قوللىنىلىدۇ (بۇ دۇكانلار شەرت ۋە كېلىشىملەردە «دۇكان» دېيىلدى)، ئەگەر ئەپنىڭ ئايرىم كېلىشىم ۋە شەرتلىرى بار بولسا، شۇلار قوللىنىلىدۇ.
قوللىنىشچان پروگراممىنى چۈشۈرۈش ۋە قوللىنىش مەشغۇلاتى قىلسىڭىز ياكى قىلماقچى بولسىڭىز بۇ شەرتلەرنى قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك ئەگەر قوبۇل قىلمىسىڭىز قوللىنىشچان پروگراممىنى چۈشۈرۈش ۋە قوللىنىش ھوقۇقىڭىز بولمايدۇ
ئەپ تارقاتقۇچى Windows دىكى Microsoft Store ياكى Xbox دىكى Microsoft Store ئارقىلىق سىز ئىشلەتكەن ئەپلەرنى ئىجازەتلەپ تارقىتىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ.
ئەگەر بۇ شەرتلەرگە بويسۇنسىڭىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكىدەك ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولالايسىز
بۇ چەكلىمىلەرنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى بولسا:
ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى يەنە:
تۆۋەندىكى مەھسۇلات، app لەر ۋە مۇلازىمەتلەر Microsoft مۇلازىمەت كېلىشىمىدە بار، لېكىن سىزنىڭ بازىرىڭىزدا يوق بولۇشى مۇمكىن