Trace Id is missing

مۇلازىمەت كېلىشىمى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى

Microsoft مۇلازىمەت كېلىشىمىنى يېڭىلىدۇق، بۇ Microsoft ئىستېمالچىلار تور مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىشكە قوللىنىلىدۇ. شەرتلىرىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرماق ۋە ئۇلارنىڭ سىز ئۈچۈن سۈزۈك ھالەتتە قالىشىنى كاپالەتلەندۈرمەك ئۈچۈن، شۇنداقلا يېڭى Microsoft مەھسۇلاتلىرى، مۇلازىمەتلىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى قاپسىماق ئۈچۈن بۇ يېڭىلاندۇرمىلارنى قىلىۋاتىمىز.

تۆۋەندە خۇلاسىلەنگەن بۇ يېڭىلانمىلار 2023-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتلىرىمىزنى 2023-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ئىشلەتسىڭىز، يېڭىلانغان Microsoft مۇلازىمەت كېلىشىمىگە قوشۇلغان بولىسىز.

كۆپ سورالغان سوئاللار

‏«Microsoft مۇلازىمەت كېلىشىمى» دېگەن نېمە؟

‏Microsoft مۇلازىمەت كېلىشىمى، سىز بىلەن Microsoft (ياكى ئۇنىڭ قارمىقىدىكى بىرى) ئارىسىدىكى بىر كېلىشىم بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ Microsoft خېرىدار مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىشىڭىزنى ئىدارە قىلىدۇ. قاپسالغان مەھسۇلاتلار ۋە مۇلازىمەتلەرنىڭ تولۇق تىزىمىنى بۇ يەردە كۆرەلەيسىز.

‏قايسى مەھسۇلاتلار ۋە مۇلازىمەتلەر Microsoft مۇلازىمەت كېلىشىمى تەرىپىدىن قاپسالمايدۇ؟

بۇ ‏Microsoft مۇلازىمەت كېلىشىمى Microsoft 365 كارخانا، مائارىپ ياكى ھۆكۈمەت نەشرىنى سېتىۋالغان خېرىدارلار، Azure, Yammer ۋە Skype for Business خېرىدارلىرى قاتارلىق توپ ئىجازەتلىك خېرىدارلارغا قوللىنىلمايدۇ. خەۋپسىزلىك، مەخپىيەتلىك ۋە رىئايە توغرىسىدىكى ئەھدىلەر، شۇنداقلا ئىش ئۈچۈن Microsoft 365 كە ماس كېلىدىغان مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار ئۈچۈن، مەرھەمەت https://www.microsoft.com/trust-center/product-overview دىكى Microsoft ئىشەنچ مەركىزى نى زىيارەتلەڭ.

‏Microsoft بۇ قېتىم Microsoft مۇلازىمەت كېلىشىمى گە قانداق ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟

ئەڭ مۇھىم ئۆزگەرتمىلەرنىڭ بىر خۇلاسىسىنى بۇ يەردە تەمىنلىدۇق.

‏‏‏بارلىق ئۆزگەرتىشنى كۆرۈش ئۈچۈن Microsoft مۇلازىمەت كېلىشىمىنى تولۇق ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

بۇ شەرتلەر قاچان كۈچكە ئىگە بولىدۇ؟

Microsoft مۇلازىمەت كېلىشىمىنىڭ يېڭى نەشرى 2023-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئۇ ۋاقىتقىچە نۆۋەتتىكى شەرتلەر كۈچكە ئىگە.

بۇ شەرتلەرنى قانداق قوبۇل قىلىمەن؟

مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتلىرىمىزنى 2023-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ئىشلەتسىڭىز، يېڭىلانغان Microsoft مۇلازىمەت كېلىشىمىنى قوبۇل قىلغان بولىسىز. ئەگەر يېڭى كېلىشىمگە قوشۇلمىسىڭىز، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتلىرىمىزنى ئىشلەتمەڭ ھەمدە 2023-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن Microsoft ھېساباتىڭىزنى ئېتىڭ.